نۇزۇگۇم چايخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ئىگىدارچىلىق قىلغان نۇزۇگۇم چايخانىسى 25-يانۋار ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئىچىلىش مۇراسىمىغا ئىستانبۇل رەفاھ پارتىيەسى ۋە ھۆر دەۋا پارتىيەسىنىڭ ئاياللار بۆلۈمىدىن بىر تۈركۈم ئاياللار، شۇنداقلا ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم ئاياللار قاتناشتى. مۇراسىمدا نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم ۋە نۇزۇگۇم چايخانىسىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەل دۇئالىرى بىلەن لېنتا كېسىلدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم چايخانىنىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ چايخانىنى ئېچىشىمىزدىكى مەقسەت جەمئىيىتىمىزنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان خانىم-قىزلارغا ئىش ئىمكانىيىتى سۇنۇش، خەلقىمىزگە ئىشەنچلىك، پاكىز، ئۆزگىچە تەم بىلەن پىشۇرۇلغان تاتلىق-تۈرۈم، ناشتىلىق ۋە ھەرخىل تاماقلار بىلەن خىزمەت قىلىش، ئەڭ مۇھىمى ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆز ئەمگىكى بىلەن ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى قىممەت يارىتىپ بېرىش» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 1464 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2021 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق