خەلقىمىزگە ئۇقتۇرۇش

18-يانۋار كۈنى كېچىدە تۈركىيە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تۇتۇش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە تۈركىيە ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان 3 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىندىشىمىز قولغا ئېلىنغان ۋە 21-يانۋار كۈنى يەنە بىر شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىندىشىمىز كۈندۈزدە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ۋەقە يۈز بېرىپ خەۋەر تاپقان پەيتنىڭ ئۆزىدىلا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، تۈركىيە ساقچى ئىدارىسى، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى، ئادۋۇكاتلار ۋە قانۇن ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ مەزكۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇش، بۇ تۈردىكى قولغا ئېلىش ۋەقەسىنىڭ مەقسىتى ۋە ماھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانۇنىي، سىياسىي، دىپلوماتىي ۋە ئىدارىي جەھەتتىن ھەرىكەتكە ئۆتتۇق. 18-يانۋار كۈنى تۇتۇلغان ئامىنە بەكىر ھەمشىرىمىز ئېمىتىدىغان بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە شەرتلىك قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ تەكشۈرۈش داۋاملىشىدىغانلىقى ئۈچۈن ئادۋۇكات ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 22-يانىۋار كۈنى تاش قارىم قويۇۋېتىلدى. قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەكشۈرۈشى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئادالەتسىزلىككە ۋە نامۇۋاپىق مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقى، خىتايغا قايتۇرۇلۇش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ئادۋۇكات تۇتۇلدى ۋە جىددىي دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلدى. بۇ جەرياندا قارابۈكتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق 8 قازاق قېرىندىشىمىزنىڭ ئىقامەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوخشاش جىددىي ھەرىكەت قىلىنىۋاتىدۇ. تۈركىيە - خىتاي ئارىسىدىكى جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ۋە باشقا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بارلىق تەرەققىياتلارنى كۆزىتىۋاتىمىز ۋە بۇنىڭغا قارىتا تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتىمىز. بارلىق ھەرىكەتلىرىمىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق مۇنبىرىغا ئەزا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ۋە مەسلىھەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
بۇ ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبى، نەتىجىسى ۋە يۆلىنىشى ھەققىدە ھۆكۈم قىلىش ھازىر بالدۇرلۇق قىلىدىغىنى ئۈچۈن بۇنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى بېكىتەلمەيمىز. ئەمما شۇنى كاپالەت بېرىمىزكى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەرقانداق بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى، تۇتۇلۇش جەريانىدا ۋە تۇتۇلغاندىن كېيىن قانۇنغا خىلاپ مۇئامىلەلەرگە ئۇچرىشىنى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ ۋە بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. بۇ ۋەقە جەريانىدىكى ۋە ئىلگىرىكى دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىمىزدا بۇ ئىرادىمىزنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە شەخسىلەرگە يەتكۈزدۇق. ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىمىز.
شەرقىي تۈركىستان مەنپەئەتى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ھەرقانداق ۋاقىتتا ۋاز كەچمەيدىغان پىرىنسىپىمىزدۇر. خەلقىمىزنىڭ بىزنى قوللىشىنى، ئىلمىي تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بىلەن خىزمەتلىرىمىزگە ھەمدەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى كاتىباتلىق ھەيئىتى
2021/01/22

بۇ خەۋەر 1270 قېتىم كۆرۈلدى
22/01/2021 21:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق