ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتايغا تۇتقان مەيدانىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا ھاكىمىيەت ئالمىشىۋاتقان پەيتتە تىرامپ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قوللانغان قاتتىق پوزىتسىيەنىڭ داۋاملىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يېقىندىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ سۆزى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى تۆت يىلدا بىرلىككە كەلگەن تاشقى سىياسەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. بىلىنكېن يەنە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيونىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ھەققىدىكى قارارىغا قوشۇلغانلىقىنى ھەمدە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ بۇ جەھەتتە ئورتاق تونۇشى بارلىقىنى ئېيتقان.
مۇخبىرلار بىلىنكېندىن: «پومپېيونىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى قارارىغا قوشۇلامسىز؟» دەپ سورىغاندا، بىلىنكېن: « مېنىڭچە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىزنىڭ پىكرىمىز بىردەك. خىتاينىڭ ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنى جازا لاگېرىغا سولاش قىلمىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا كومپارتىيە ئىدېئولوگىيەسىنى مەجبۇرىي تېڭىشقا ئۇرۇنۇشتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا مەن بۇ يەكۈنگە قوشۇلىمەن» دېگەن.
بىلىنكېن تەيۋەن مەسىلىسىدە توختىلىپ: «ئامېرىكىدىكى پارتىيەلەرنىڭ تەيۋەنگە بەرگەن كۈچلۈك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەدىسى بار. تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى بۇ ۋەدىنىڭ بىر قىسىمى. تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرالايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بايدېن ھۆكۈمىتى بۇنى چوقۇم داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن.