خىتاي جازا لاگېرىدىن قويۇۋېتىلگەنلەرگىمۇ ياشاش ئىمكانىيىتى قالدۇرمىدى

خىتاي جازا لاگېرىدىن قويۇۋېتىلگەنلەرگىمۇ ياشاش ئىمكانىيىتى قالدۇرمىدى

يېقىندا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرىغا قامالغان ياكى بىر مەزگىل قامىلىپ قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان.
ئۇچۇردىن كۆرسىتىلىشىچە، جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان، مەكتەپ ۋە باغچىلارمۇ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.
ئۇندىن باشقا جازا لاگېرىدىن چىققانلارغا تېرىلغۇ يەر بېرىلمىگەن، ئىدارە-ئورگانلارمۇ ئۇلارنى ئىشلىتىشنى رەت قىلغان. بۇرۇنقى ئىجتىمائىي ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىلىرى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغان. ھەتتا بانكىلارمۇ ئۇلارغا ھېساب ئېچىپ بەرمىگەن.
بۇلاردىن سىرت ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قىزىل ناخشىلارنى ۋە شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى يادلاش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، نەچچىلىگەن سىياسىي كىتابلارنى تاماملىغاندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى ئالالىغان.

بۇ خەۋەر 1861 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2019 18:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق