خىتاي قاراقاش ناھىيە يېزىلىرىدا كۆپلەپ «مىكرو سوت مەھكىمىسى» تەسىس قىلغان

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 19- يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ قارىقاشتىكى يېزا-كەنتلىرىدە ئاتالمىش «قولايلىق قانۇن مۇلازىمىتى» نامىدا سوت مەھكىمىسى مۇلازىمەت پونكىتلىرىنى تەسىس قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئاتالمىش «ئەدلىيە ئىسلاھاتى تەدبىرلىرى» نامىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى يېزا-كەنتلىرىدە كۆچمە «مىكرو سوت مەھكىمىسى» تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن تارتىپ قاراقاش ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى ئاتالمىش «شىنجاڭ كۆچمە مىكرو سوت مەھكىمىسى»نامىدا توردا سوت ئېچىش، سوتتا قاراپ چىقىشنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش، ھۆكۈم-كېسىم ھۆججەتلىرىنى توردا ئېلان قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، 2020-يىلى 4-ئايدا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خادىملىرى تۈۋەت يېزىسى سېرىق توغراق كەنت دەرىجىلىك ئاتالمىش «خەلق مۇرەسسە كومىتېتى»نى رەسمىي قۇرۇپ چىققان. ئارقىدىن قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسىدىكى سەككىز ئورۇندا ئاتالمىش «كەنت دەرىجىلىك خەلق مۇرەسسە كومىتېتى» ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان.
خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، 2020-يىلى 28-مارتتىن 29-دېكابىرغىچە قاراقاش ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 1008 دېلونى بىر تەرەپ قىلغان. خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىسى 16 مىڭ 156 ئائىلىگە كىرىپ، خىتاينىڭ قانۇنىنى تەشۋىق قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى 2020-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى يېزا-كەنتلىرىدە ئۇيغۇرلارنى جازالاش ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلىشنى قولايلاشتۇرۇشتەك رەزىل مەقسىتىدە قۇرۇپ چىققان «مىكرو سوت مەھكىمىلىرى» 1486گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 1155 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2021 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق