ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى بىر يىل بولغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئاۋازى تورى «خىتاي ۋەدىسىنى قانچىلىك ئەمەلگە ئاشۇرالىدى؟» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ۋە خىتاي بۇلتۇر 15-يانۋار بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ كېلىشىم ئىككى تەرەپنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى قايتا تەڭشەپ چىققان. خىتاي كېلىشىمگە ئاساسەن ئامېرىكىدىن مال ئىمپورت قىلىشىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.
مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئامېرىكىدىن 159 مىليارد دوللار قىممىتىدە مال ئىمپورت قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. ئەمما پېتېرسون دۆلەتلىك ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي بۇلتۇر 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىدىن پەقەت 82 مىليارد دوللارلىق مال ئىمپورت قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %52 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېنېرگىيە ئىمپورتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولۇپ، ئاران %31 ئەمەلىيلەشكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كېلىشىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر كېلىشىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقى ئېنىق ئىكەن. بىر قىسىم ئانالىزچىلار تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ساھەسىنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتايغا بېقىنىپ قېلىش مەسىلىسىگە قايتىدىن قاراپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىدىن ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان بايدېن مەزكۇر سودا كېلىشىمىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان. ئەمما خىتايغا داۋاملىق قاتتىق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنى، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتايغا قارشى بىرلىككە كەلگەن سىياسەت تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.