فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنىدا تەيۋەن مەسىلىسىدە «تۆت پىرىنسىپ» ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەمما «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم، تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش» دېگەن سۆزلەر تىلغا ئېلىنمىغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 2021-يىللىق تەيۋەن خىزمىتى يىغىنى 17-چېسلادىن 18-چېسلاغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ بۇ يىل تەيۋەن مەسىلىسىدە ۋەزىيەت ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇش، خەتەر ئېڭىنى توغرا تونۇش، ئۆزگىرىشنى ئىلمىي توغرا تونۇش، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق «تۆت پىرىنسىپ»نى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا يەنە تەھدىت تەرىقىسىدە: «كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئۇنىۋېرسال كۈچىمىز ۋە مۇھىم تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىمىزنى تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قەتئىي توسۇپ قېلىش كېرەك» دېگەنلەر تەكىتلەنگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا خىتاي يەنە تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ پائالىيىتى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشنى چەكلەپ، «بىرلىككە كەلتۈرۈش» مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى، تەيۋەن مەسىلىسى دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇ ۋەزىيەتتە تەيۋەن بوغۇزى كەسكىن ۋە مۇرەككەپلىككە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ھەمدە يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىلگىرى دائىم تەكرارلاپ كېلىۋاتقان «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ھەيۋە خاراكتېرلىك سۆزلەرنى ئالماشتۇرغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تەيۋەنگە پىسخىكىلىق ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئاخىرىدا تەيۋەنگە قوراللىق تاجاۋۇز قىلىش قارا نىيىتىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.