ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش كۈچەيتمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ بارغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى تالاش-تارتىشى قايتىدىن كۈچەيگەن.
ئامېرىكا 18-يانۋار خىتاينى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ۋۇخەندىكى تېببىي خادىملار، دەسلەپكى بىمارلار ۋە تەجرىبىخانا خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇشقا ھەمدە داۋالاش سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئەۋرىشكىلىرى بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرغان. خىتاي ۋەكىلى بولسا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا قارىتىلغان ھەر قانداق سىياسىي بېسىمنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئاممىۋىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىكىدىكى گارېت گىرىگسبىي دۈشەنبە كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىغا بىلدۈرگەن سۆزىدە، خىتاينىڭ ۋۇخەندە توپلانغان ھايۋانات، ئادەم ۋە مۇھىت ئەۋرىشكىسى قاتارلىق بارلىق ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن ئورتاقلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ۋەكىلى بۇنىڭغا قارشى: «ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى ئىلمىيلىككە ئىگە. ئۇ ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، بىز ھەر قانداق سىياسىي بېسىمنى توختىتىشىمىز كېرەك» دېگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋۇخەندە جەمئىي بىر ئاي تۇرىدىكەن، ئەمما بۇ ۋاقىتنىڭ يېرىمىدا كارانتىنغا ئېلىنىدىكەن. ئۇلار ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، دوختۇرخانا ۋە خۇانەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەنقىد قىلغان، شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنى بىلەن دۇنيا خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئوچۇق ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈشكە چاقىرغان. پومپېيو 15-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەجرىبىخانىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 699 قېتىم كۆرۈلدى
19/01/2021 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق