18-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 5862گە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 151 مىڭ 342 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 5862 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 749 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 164 كىشى قازا قىلىپ، 7905 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 270 مىڭ 769غا، قازا قىلغانلار 24161گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2183كە يەتكەن.