دىسنېي شىركىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي ئايرىمچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە دىسنېي شىركىتىگە ئالاقىدار بىر رەسىم كۆپلەپ تارقالغان بولۇپ، خىتايدىكى دىسنېي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي ئايرىمچىلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خوڭكوڭدىكى ئالما كۈندىلىك گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر قىسىم خىتايلار مەلۇم ساياھەت تور بېتىدىن شاڭخەيدىكى دىسنېي باغچىسىنىڭ كىرىش بېلىتى ۋە مېھمانخانا زاكاز قىلغان. ئەمما تور بەتنىڭ ئەسكەرتىشىدە، ۋىرۇس سەۋەبلىك دىسنېي باغچىسى ۋە مېھمانخانىغا خوڭكوڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەندىن كەلگەنلەرنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تورداشلار بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، گەرچە يۇقۇم سەۋەبلىك سىرتتىن كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلماسلىقنى توغرا چۈشەنگىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىتىنى ئاتاپ ئەسكەرتىش بېرىشنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەسلىك يېڭىلىق بولمىسىمۇ، بۇ ئەسكەرتىشتە بۇرۇنقىدەك ئاتالمىش «شىنجاڭلىقلار» دەپ ئەسكەرتىش بېرىلمەستىن، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مىللەت نامىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئەسكەرتىش بېرىشى، يەنە كېلىپ بۇ ۋەقەنىڭ جازا لاگېرلىرى جايلاشقان رايوندا كىنو ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان دىسنېي شىركىتى بىلەن چېتىشلىق بولۇشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 960 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2021 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق