يەنە بىر ئۇيغۇر كادىر تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 17-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى مېھرىگۈل ئۆمەر ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، دەپ قارىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
خىتاي يېقىنقى يىللاردا مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا قاماش بىلەن بىرگە، خىتاي دائىرىلىرىگە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر كادىرلارنىمۇ «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، پارتىيەگە ساداقەتسىزلىك قىلىش، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىش» دېگەندەك تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن جازالىماقتا. بۇ خىتاينىڭ بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كۆزدىن يوقىتىشتەك قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1418 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2021 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق