ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى: تەيۋەن سەۋەبلىك ئامېرىكا-خىتاينىڭ توقۇنۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا، «بۇ يىل تەيۋەن سەۋەبىدىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى يېقىندا ئەڭ يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2021-يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان توقۇنۇشلارنى مۆلچەرلىگەن. دوكلاتتا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تەيۋەن كىرىزىسى تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك توقۇنۇش ئېھتىماللىقى قاتارىغا كىرگۈزگەن. دوكلاتتا گەرچە كىشىلەرنىڭ دىققىتى بايدېن ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار جىددىي دۆلەت ئىچى كىرىزىسىغا مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ ئېغىر خەلقئارالىق توقۇنۇش خەۋپىگە سەل قارىماسلىق كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەتلەر جەمئىيىتى قارمىقىدىكى «ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت مەركىزى» 2008-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى دوكلات ئېلان قىلىپ، كېيىنكى يىلى ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنى ئاساس قىلىپ، پارتلاش ياكى كۈچىيىشى مۇمكىن بولغان زىددىيەت ياكى كىرىزىسلارنى باھالاپ كەلگەن. بۇ مەركەز ھەر يىلى كۈزدە ئامېرىكىنىڭ يۈزلىگەن تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرىگە تەكشۈرۈش سوئالى ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە دۇنيادىكى 30 خىل كىرىزىس ياكى توقۇنۇش ئامىلىنى تىزىپ چىقىشىنى، ئامېرىكا مەنپەئەتىگە بولغان ئېھتىماللىقى ۋە يوشۇرۇن تەسىرىنى باھالاشنى تەلەپ قىلغان.
خەتەرنى باھالاش جەدۋىلى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ۋە تەسىر دەرىجىسىگە ئاساسەن ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلغان. 2021-يىلى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تەيۋەن كىرىزىسى تۇنجى قېتىم 1-دەرىجىگە ئۆرلىگەن. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، تەيۋەنگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇشى سەۋەبلىك، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئېغىر كىرىزىسقا پېتىپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. خىتاي بىلەن ھىندىستان ئىككى تەرەپنىڭ تالاش-تارتىشتىكى چېگرا ھەربىي توقۇنۇشى ئىككىنچى دەرىجىلىك خەتەر دەپ باھالانغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، 2021-يىلى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قوراللىق تىركىشىش خەۋپى تۆۋەنلەيدىغان بولۇپ، 1-دەرىجىدىن 2-دەرىجىگە چۈشۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 944 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2021 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق