ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە خەينەن ئارىلىدىكى بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى كېڭەيتىپ قۇرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى جەنۇبتىكى خەينەن ئۆلكىسى يۈلىن دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئادەتتىكى سۇ ئاستى ئەسلىھەلىرى ھالىتىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى قولتۇقىغا ئۆزگەرتكەن. بۇ ئۇزۇنلۇقى 229 مېتىر كېلىدىغان، 16 سۇ ئاستى پاراخوتىنى سىغدۇرالايدىغان تۆت تال ئاسما كۆۋرۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن. خىتاي بۇ ئارقىلىق بەش دۆلەت بىلەن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىز ئىستراتېگىيەلىك رايونىدا كۈچىيىشنى مەقسەت قىلغان.
يۈلىن دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ كېڭىيىشى خىتاينىڭ تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزغا ئىچكىرىلەپ كىرىش قەدىمىنى ئاشۇرغان. خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى باشقا دۆلەتلەر زېمىن تەلىپى قىلىۋاتقان رايونلاردا پاراخوتلىرىنى كۆپەيتكەن. يۈلىن دېڭىز ئارمىيە بازىسى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، خىتاي نەنشا ئارىلىدىكى كىچىك ئاراللارغا يېقىن جايدا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، جەنۇبىي دېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزەلەيدىكەن ۋە يېقىن ئەتراپتىكى باشقا جايلارنى نازارەت قىلالايدىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي كۆلىمى ئۈچ يېرىم مىليون كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ %90ىگە ئىگىدارچىلىقى بارلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ھەيۋە قىلىش ئارقىلىق، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان رايونلارغا بېسىپ كىرگەن ۋە بىر قىسىم كىچىك ئاراللارنى ئىگىلىۋالغان. بۇلتۇر يەنە ۋىيېتنامنىڭ بىر بېلىقچىلىق كېمىسىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن.
خىتاينىڭ بۇ يولسىزلىقى ئىزچىل ھالدا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە ۋە ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ رايوندىكى تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى رايون دۆلەتلىرىنى ھەرخىل جەھەتتىن قوللىماقتا.