بۈيۈك دەۋر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ 15-يانۋار ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يوليورۇق بېرىپ، خىتاينىڭ ماللىرى ۋە مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبىرت ئوبرايىن بايانات ئېلان قىلىپ، تىرامپنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزام ۋە سىياسەتلەرنى تەكشۈرۈپ، سىياسەت ۋە باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش، فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ماللىرىنى سېتىۋېلىشنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ھەرىكىتى قوزغاش قاتارلىق تەكلىپلەرنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە بۇ تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە قوللانغان ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى ئىكەنلىكى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ جاسۇسلۇق ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئوبرايىن باياناتىدا خىتاينىڭ 2017-يىللىق دۆلەتلىك ئاخبارات قانۇنىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ قانۇندا شەخسلەر، تەشكىلاتلار ۋە ئورگانلارنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىستىخبارات خىزمىتىگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى، كومپارتىيە خىتايدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە جاسۇسلۇق قىلىشقا ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، خۇسۇسىي شىركەتلەرنى ئىشقا سېلىپ، ھەربىي زامانىۋىلىشىشىنى تېزلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يېقىندا: «خىتاي ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ چوڭ خەۋپسىزلىك تەھدىتى، خىتاي ئامېرىكىنى رايون ۋە دۇنيادىكى قارا نىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئەڭ ئاساسلىق توسالغۇ، دەپ قارايدۇ» دېگەن.