ھۆر دەۋا پارتىيەسى بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

15-يانۋار يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ۋە شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت تۈركىيە ھۆر دەۋا (HÜDA) پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىگە تەكلىپ بىلەن زىيارەتكە باردى.

ئىككى ھەيئەتنى ھۆر دەۋا پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل رەئىسى ئەردال ئېلى بۈيۈك ئەپەندى ۋە ئاياللار رەئىسى مۇنەۋۋەر ئاقتاش خانىم ئايرىم-ئايرىم كۈتۈۋالدى. زىيارەتتە مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم ھۆر دەۋا پارتىيەسىنىڭ «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى قارارلىرىنى ئارقىغا چېكىندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدە تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى يەنىلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى. تۈركىيە خەلقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇشى ۋە بۇ زۇلۇملارنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يېتىشى لازىم. ئەگەر تۈركىيە خەلقىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بىر ھەرىكەت، بىر ئاۋاز بولۇپ ئىگە چىقىدىغان بىر توپ شەكىللەنسە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كېلىشىدە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشى ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە لېكسىيە، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي تاراتقۇ پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇتۇشقا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 1626 قېتىم كۆرۈلدى
16/01/2021 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق