تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 8314 (15-يانۋار)

15-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 8314گە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 167 مىڭ 211 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 8314 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 921 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 169 كىشى قازا قىلىپ، 9109 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 246 مىڭ 47گە، قازا قىلغانلار 23664كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2311گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 825 قېتىم كۆرۈلدى
16/01/2021 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق