ئامېرىكا يەنە ئالتە خوڭكوڭ ئەمەلدارىنى جازالىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 15-يانۋار ئالتە خوڭكوڭ ئەمەلدارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خوڭكوڭ دائىرىلىرى دېموكراتىيەنى ياقىلىغۇچى شەخسلەرنى كەڭ كۆلەمدە قولغا ئالغانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكا خوڭكوڭ مەركىزى كومىتېتى خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن خىزمەت ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ چۈەن ۋە خوڭكوڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن چىڭيې قاتارلىق ئالتە نەپەر خىتاي ۋە خوڭكوڭ ئەمەلدارىنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ ساقچىلىرى 6-يانۋار خوڭكوڭنىڭ بىخەتەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن، ئامېرىكا پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 55 دېموكراتچىنى قولغا ئالغان ۋە ئۇلارنى دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مايك پومپېيو 15-يانۋاردىكى باياناتىدا يۇقىرىقى قارارنى ئېلان قىلغان.
بۇلتۇر 7-ئايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ چىقارغان مەمۇرىي بۇيرۇققا ئاساسەن، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ، خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىك تەرتىپلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ھەممىسى جازالاش تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىپلا قالماي، ئامېرىكىدىكى مال-مۈلۈكلىرىمۇ توڭلىتىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 978 قېتىم كۆرۈلدى
16/01/2021 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق