خىتاي بىلەن رۇسىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك سايلىمىنى قالايمىقان قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى رەئىسلىك سايلىمىنى قالايمىقان قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭەش ئەزالىرى مەخپىي بېلەت تاشلاش ئارقىلىق كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن فىجى جۇمھۇرىيىتى ۋەكىلى نازاتنى بۇ يىللىق رەئىسلىككە كۆرسەتكەن. ئەمما خىتاي، رۇسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخىرقى پەيتتە قارشى بېلەت تاشلاپ، سايلامنى قىيىنلاشتۇرغان.
ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرەپ نازاتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان. فىجى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە نوپۇزلۇق ھېسابلىنىدىغان، شۇنداقلا پوزىتسىيەسى كەسكىن شەخس بولۇپ، بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولغان خىتايغا ئۆزى خالىمايدىغان نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئاساسلىقى يىغىن تەرتىپىگە مەسئۇل بولىدىكەن. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىل بولۇپ، ھەر يىلى ئوخشىمىغان رايونلاردىكى دۆلەت ۋەكىللىرى ئىچىدىن سايلىنىدىكەن. بۇ يىل ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا نۆۋەت كەلگەن بولۇپ، ۋەكىللەر بۇ مەسىلىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن. بۇنداق بولغاندا، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى 47 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى جۈمە كۈنى مەخپىي بېلەت تاشلىشى كېرەك ئىكەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يېڭى رەئىسلىكىگە نامزاتلارنى مۇزاكىرە قىلغاندا، فىجى ۋەكىلى نازات دەسلەپتە سايلىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان ئەڭ ياخشى نامزات بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بەھرەين ئۆزىنىڭ ۋەكىلىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كېننىت روتنىڭ قارىشىچە، فىجىنىڭ سايلىنىشىنى توسۇش ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئىكەن. خىتاي قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت بىرلىشىپ، بەھرەينگە ئوخشاش سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قىزىقمايدىغان بىر دۆلەتنى كۆرسەتكەن. گەرچە خىتاي، رۇسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان پەردە ئارقىسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نازاتنىڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 959 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2021 16:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق