مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرى ھەققىدىكى سىنلار داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى چوڭ بىر زالدا 300دىن ئارتۇق ئايالنىڭ قاتار تىزىلغان پارتىلاردا كەشتە تىكىۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا ئېلېكتىر سايمانلىرى زاۋۇتىدا كۆپىنچىسى ئەرلەردىن بولغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن. سىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قېلىن قىشلىق چاپانلىرىنى ۋە قۇلاقچىلىرىنى كىيىپ ئىشلەۋاتقانلىقى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناچار شارائىتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
يېقىنقى كۈنلەردە ھەركۈنى دېگۈدەك ئاشكارىلىنىۋاتقان بۇ خىل سىنلار شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ قېرى-ياش، ئەر-ئايال دەپ ئايرىلماي، ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1636 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2021 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق