ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 14-يانۋار ئەڭ يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى خىتاينىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا: «خىتاي كومپارتىيەسى تەھدىت سېلىش، خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە تۈرمىگە تاشلاش ئارقىلىق جەمئىيەتنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى. خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېڭى پاكىتلار بار. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، لاگېرلاردا مەجبۇرىي ئەمگەك، قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي سىياسىي تەربىيە ۋە باشقا زىيانكەشلىكلەرگە دۇچ كەلمەكتە» دېيىلگەن.
كومىتېت رەئىسى، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى بۇزۇلدى. ئامېرىكا داۋاملىق خىتاي خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، دۇنيانى خىتاي رېجىمىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك» دېگەن.
كومىتېتنىڭ بىرلەشمە رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ سۆز قىلىپ، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز خەلقىنى خورلاش ۋەھشىيلىكىنىڭ يىلمۇ يىل خاتىرىلىنىپ ماڭغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتكە قىلىنغان رەزىل ھەرىكەتلىرىگە قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رەسمىي قارار چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى رەھىمسىز ۋەھشىيلىكنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا چاقىرىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھەرساھە زاتلىرى ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيە ۋە يېڭىدىن سايلانغان بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە داۋاملىق قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بايدېننىڭ سايلام گۇرۇپپىسى باياناتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.