14-يانۋار تۈركىيە ئاق پارتىيە مەركىزىي قارار ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يېپىق يىغىن تەخمىنەن ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان. يىغىندىن كېيىن ئاق پارتىيەنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چېلىك كۈنتەرتىپىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان.
ئۇ مۇخبىرلارنىڭ تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمنامىسى» ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ كېلىشىمنامە كۈنتەرتىپكە كەلگەندىن كېيىن خۇددى تۈركىيە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى بىر ئىش قىلىۋاتقاندەك تەشۋىقاتلار تارقالدى. بۇ كېلىشىم نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن تۈزگەن خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمنامىسىدۇر. بىزنىڭ 32 دۆلەت بىلەن بۇ خىل كېلىشىمىمىز بار. پارلامېنت تۈركىيەدىكى ئەڭ ئالىي قارار چىقارغۇچى ئورگان. ئۇنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى كېلىشىم سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇش تولىمۇ خاتا. بۇ پەقەت جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر تۈركلىرىگە بولغان پاسسىپ پوزىتسىيەگە كەلسەك، بىزنىڭ بۇ مەسىلىگە سۈكۈت قىلىشىمىز ياكى سەل قارىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بىز بۇ مەسىلىگە بولغان سەزگۈرلۈكىمىزنى خىتاي بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمىز، مەزكۇر كېلىشىمنى بۇ تەرىقىدە شەرھلەش تولىمۇ خاتا باھالاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.