14-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 8962گە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 169 مىڭ 847 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 8962 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 958 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 170 كىشى قازا قىلىپ، 9011 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 2236 مىڭ 938گە، قازا قىلغانلار 23495كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2512گە يەتكەن.