تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش رەسمىي باشلاندى

تۈركىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۈگۈن تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا رەسمىي تۈردە ئەملىنىشكە باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بۈگۈن تۈركىيەدە سەھىيە خادىملىرىغا خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملەش ئەھۋالىنى توردا نازارەت قىلىش ئۈچۈن «ۋاكسىنا ئەملەش ئۇچۇر سۇپىسى» قۇرۇلغان. بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە ۋاكسىنا ئەملەنگەن داۋالاش خادىملىرىنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈنۈگۈن ئەنقەرە شەھەرلىك دوختۇرخانىدا ئۆزى تۇنجى بولۇپ خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەندىن كېيىن، بارلىق دوختۇرخانىلاردا كەڭ كۆلەمدە ۋاكسىنا ئەملەش باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ۋاكسىنا ئەملەش ئۇچۇر سۇپىسى» ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى ۋە ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانىنى بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدىكەن. «ۋاكسىنا ئەملەش ئۇچۇر سۇپىسى»غا ئىلتىماس قىلىنغاندىن كېيىن دوختۇر بىلەن ئۇچرىشىش ئۇچۇرى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يانفونغا ئەۋەتىلىدىكەن ۋە بېكىتىلگەن كۈن ۋە دوختۇرخانىغا بېرىپ، سەھىيە خادىملىرىغا ۋاكسىنا ئەملەتكۈزسە بولىدىكەن. ئەگەر ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىدىن ئىككىنچى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملەشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلتىماس قىلسا، دوختۇر بىلەن ئۇچرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارمۇ قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يانفونغا ئەۋەتىلىدىكەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئەملىنىشكە باشلىغان ۋاكسىنىلار خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى ئەندىشە ۋە مۇنازىرىلەر يەنىلا داۋاملاشماقتا.

بۇ خەۋەر 1032 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2021 18:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق