پاكىستاندا ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە-ئەزەربەيجان-پاكىستان ئۈچ تەرەپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا بىرلەشمە يىغىن ئاچقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات يىغىندا تۈركىيە، پاكىستان ۋە ئەزەربەيجاننىڭ نۇرغۇن ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە: «خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاشنى قارار قىلدۇق. يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىمىزنىڭ بىرىنچى قېتىملىقى 2017-يىلى باكۇدا چاقىرىلغان. بۈگۈن بىز بۇ خىل يىغىنلارنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشى ۋە ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموف قاتناشقان ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدىن سىرت، يەنە قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئۇل ئەسلىھەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

يىغىندا يەنە سودا، سېلىنما ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرى، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ۋە سىياسىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىر ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. جەيھۇن بايراموف پاكىستان ۋە تۈركىيە شىركەتلىرىنى تاغلىق قاراباغنىڭ قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە قوشۇلۇشىغا تەكلىپ قىلغان.

يىغىنىدىن كېيىن تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي، تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» ئىمزالانغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 929 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2021 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق