فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاي ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خىتاي ئارمىيەسى، ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى قوللىغانلىقى ئېنىقلىغان شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى داۋاملىق كېڭەيتكەن. ئەلىبابا، بەيدۇ ۋە خوڭكوڭدا پېيى بازارغا سېلىنغان تېڭشۈن قاتارلىق ئۈچ شىركەت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، 12 شىركەت ئىچىدە، بۇ ئۈچ شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلغان. بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن مۇنازىرىلەر بولغان بولۇپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى مىنۇچىن خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ماگناتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى رەت قىلغان. ئاخىرىدا مانۇچىننىڭ كۆز قارىشى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.
بۇ قېتىم ئېمبارگو تىزىملىككە يەنە توققۇز خىتاي شىركىتى قوشۇلغان. لېكىن ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ شىركەتلەرگە تەۋە 100 دىن ئارتۇق تارماق شىركەتمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئەلىبابانىڭ نىيۇيورك ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي باھاسى %6گىچە ئۆرلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر 6-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خۇاۋېي قاتارلىق 20 شىركەتنى خىتاي ئارمىيەسى ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى كونتروللۇقىدىكى شىركەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ بۇلتۇر نويابىردا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇ يىل 11-يانۋاردىن باشلاپ، ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە شەخسلىرىنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەنگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئەلىبابا، تېڭشۈن ۋە بەيدۇ كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئىنتېرنېت شىركىتى ئەلى بابا، تېڭشۈن ۋە بەيدۇ قاتارلىق ئۈچ شىركىتىنى خىتاي ھەربىي شىركەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئويلاشماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ بۇ شىركەتلەرگە داۋاملىق مەبلەغ سالالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.