فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى چەكلەشنى قارار قىلغان.
فىگارو گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى جونسوننىڭ خىتاينى رەنجىتىشتىن قورقمايدىغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زەربە بېرىش سىياسىتىگە قارىتا كەسكىن تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەرقىي تۈركسىتاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سەۋەبسىز قولغا ئالغانلىقى، لاگېرلارغا سولاپ قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت چەكلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى قاتارلىقلارنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دېگەن.
خەۋەردە يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قوللانغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرغا تۇتىشىدىغان تەمىنلەش زەنجىرىگە چېتىلىشىنى توسىدىغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا چېتىشلىق مەھسۇلاتلاردىن پەيدا ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. قاراردا ئەنگلىيە كارخانىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىشى كېرەكلىكى، بولمىسا جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيەنىڭ كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قاتتىق جازالىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، لوندوننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا تۇتقان قاتتىق مەيدانى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى يېڭى مۇستەقىل تاشقى سىياسىتىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالغان. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رابنىڭ «ئەنگلىيە ئەزەلدىن خىتاي بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلدى، ئەمما ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە بىخەتەرلىكىنى ھەرگىز قۇربان قىلمايدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن.