كونيادا «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى»گە قارشى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى تەشكىللەندى

خىتاي بىلە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش» كېلىشىمىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (تۈركىيە پارلامېنتى)دا ماقۇللىنىپ، قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە يېزىلغان بىر ئىلتىماس ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى كونيادا باشلاندى.

مەزكۇر پائالىيەتنى كېلەچەك پارتىيەسى كونيا ياشلار تارمىقى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۈچ كۈن داۋاملاشماقچى بولغان بۇ پائالىيەت 13-يانۋار رەسمىي باشلاندى. پائالىيەت كونيا شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ۋەتەن پارتىيەسى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەھمەد داۋۇتئوغلى تۇنجى ئىمزا قويۇپ ئەۋەتكەن. پائالىيەتنىڭ تۇنجى كۈنى كونيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، پائالىيەتكە قاتناشتى.

پائالىيەتنىڭ باشلىنىشىدا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كېلىشىمگە بولغان پىكىرى ھەققىدە تەييارلانغان باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ كونيا شۆبىسى رەئىسى ھەسەن ئەكىنجى ۋە سەلچۇقلۇ شۆبىسى رەئىسى ئوسمان باشاران، ياشلار تارمىقى رەئىسى مۇستاپا سەزەر قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 2278 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2021 18:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق