ئامېرىكىنىڭ چېگرا ماجىراسىدا ھىندىستاننى قوللاش ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھىندىستان-خىتاي چېگرا ماجىراسىدا دىپلوماتىك، ھەربىي ۋە ئاخبارات يوللىرى ئارقىلىق ھىندىستاننى قوللاشنى پىلانلىغان.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ھۆججىتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەمەلىي كونترول سىزىقىدىكى ھەربىي تىركىشىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان ھەققىدە ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان چېگرا ماجىراسى قاتارلىق خىرىسلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھىندىستاننى دىپلوماتىك ۋە ھەربىي جەھەتتىن قوللاشنى پىلانلىغان.

2018-يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ 2017-يىلى دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى تۈزگەن ئىستراتېگىيەنى قوللىغان بولۇپ، ئاقساراي تەرىپىدىن تەييارلانغان «چەت ئەللىكلەر ئۈچۈن ئەمەس» دەپ بېكىتىلگەن دۆلەت بىخەتەرلىك دوكلات بېرىش يىغىنى ئالدىنقى ھەپتە ئاشكارىلىنىپ تارقىتىلغان. بۇ ھۆججەتنى ئاۋسترالىيە ئاممىۋى مۇلازىمەت تارماقلىرى ئاشكارىلىغان.

ئا ب س قانىلىنىڭ بۇ ھۆججەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دىپلوماتىك، ھەربىي ۋە ئاخبارات يوللىرى ئارقىلىق ھىندىستاننى قوللاپ، ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان چېگرا ماجىراسى قاتارلىق چوڭ خىرىسلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشنى پىلانلىغان.

ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى مۇداپىئە ھەمكارلىقى ۋە ئۆز-ئارا ماسلىشىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە مۇداپىئە تېخنىكىسىنى يۆتكەش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە ھىندىستان تورىنى بىخەتەرلىك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق خىتاينى چەكلەش ئىكەن.

ھۆججەتتە يەنە «بىز ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەمىزنى ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيەنىڭ ئىستراتېگىيەسى بىلەن ماسلاشتۇرىمىز» دېگەنلەر تەكىتلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ھىندىستان بىلەن تۆت تەرەپلىك بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش مەقسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ھۆججىتى نورمالدىن 30 يىل بۇرۇن ئاشكارىلىنىپ قالغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ھۆكۈمەت ئالمىشىش جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەر 1036 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2021 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق