ئەنگلىيە ب د ت دىن شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىل ئەۋەتىپ، مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دەلىللەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېڭى قائىدىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

دومىنىك راب 12-يانۋار ئەنگلىيە پارلامېنتىدا سۆزى قىلىپ: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولسا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ياكى باشقا ئۈچىنچى تەرەپ نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر» دېگەن. دومىنىك راب يەنە بۇ تەكلىپنى دۈشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا سۇنغانلىقىنى ئېيتقان.

دومىنىك راب شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، كىشىنى ئازابلايدىغان نۇرغۇن پاكىتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دومىنىك راب سۆزىدە يەنە: «ئەنگلىيە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئەنگلىيەگە كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۇرغۇن دوكلاتلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئەھۋالىنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلدى. بىز تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك. مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە تېخىمۇ كۈچلۈك يېتەكچىلىك رولىنى ئۆتەيدۇ. شىركەتلەرنىڭ كۈچ سەرپ قىلىپ مالنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقىلىشىنى، خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان زامانىۋى قۇللۇق تۈزۈمىنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۈچەيتىپ، سېتىۋېلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان شىركەتلەرگە جەرىمانە قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ بىر يۈرۈش تەدبىرلەر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياكى شەخسىي تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن قەستەن ياكى مەقسەتسىز ھالدا پايدا ئېلىش ياكى ئالدىنىشتىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1001 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2021 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق