12-يانۋار خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرە ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد پامىر ئەنقەرەدە «چەت ئەل تۈرك جەمئىيەتلىرى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. يۈسۈپ ئەپەندى ئابدۇلھەمىد پامىر ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
زىيارەتتە ئابدۇلھەمىد ئەپەندى يۈسۈپ ئەپەندىگە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، جازا لاگېرىغا سولاش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ 21-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاننى ئۆتمۈشتىكى قۇللۇق تۈزۈم دەۋرىگە قايتۇرغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق يۇتۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەتەرلىك بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئابدۇلھەمىد ئەپەندى يەنە يۈسۈپ ئەپەندىگە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى ھەمدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلىشتى.