خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قىزىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەڭ ئىجرا قىلماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلارنى تۈرلۈك باھانە ۋە تەھدىتلەر بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ كوممۇنىستلىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

بۈگۈنكى سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتىدىكى تەخمىنەن 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرىنىڭ رەتكە تىزىلىپ، خىتاي بايرىقىغا قاراپ تۇرۇپ، كوممۇنىست قەسىمى بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇندىن بۇرۇن تارقالغان سىنلاردىمۇ بالىلارنىڭ، ھەتتا ياشانغانلارنىڭ قىزىل ناخشىلارنى، شوئارلارنى توۋلاشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىزچىل ھالدا خەلقنى خىتايلاشتۇرۇشقا ۋە قىزىللاشتۇرۇشقا كۈچىمەكتە.

بۇ خەۋەر 1957 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2021 18:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق