ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى خىتاينى چەكلەش پىلانىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى جەڭ ئەترىتى خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى گېنېرالى مايكېل گىلداي 18 بەتلىك دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەركىن ۋە ئوچۇق دېڭىز مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ زىيان يەتكۈزگەنلىكى، خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى قىممەتلىك دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنى نامۇۋاپىق كونترول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى، قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىپ، قانۇنسىز تەلەپنى ئىجرا قىلىشقا زورلاۋاتقانلىقى، دېڭىز تەۋەلىكىدە يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسى قۇرغانلىقى، ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان دېڭىز ئارمىيەسى بەرپا قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ماتروسلارنى تەربىيەلەش ۋە تەربىيەلەشكە مەبلەغ سېلىش، بەزى پاراخوتلارنى رېمونت قىلىشنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق جەڭگە تەييارلىق قىلىش، تور ۋە ئىستىخباراتقا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئادەملىك ۋە ئادەمسىز باشقۇرۇلىدىغان پاراخوتقا ئىگە بولۇش قاتارلىق تۆت مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىرلىكتە ئىمزالىغان يېڭى دېڭىز ئىستراتېگىيەلىك دوكلاتتا: «ئامېرىكا چوقۇم خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى تېز سۈرئەتتە كۈچىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى ۋە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى چەكلىشى كېرەك. بولمىسا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك دېڭىز ئارمىيەسى بولۇش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ» دېيىلگەن.

بۇ خەۋەر 903 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2021 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق