ش ت ت ب دىن بىر ھەيئەت خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بايانات ئېلان قىلدى

 11-يانۋار خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا تىنچ نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى زىيارەت قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ياشلارنىڭ ئۈچ ھەپتىدىن بېرى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى مۇستەھكەم تۇرغانلىقىنى ماختىدى. شۇنداقلا باشقىلارنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى، قوشۇلالمىغان تەقدىردە خىتايغا قارشى مۇستەھكەم تۇرۇۋاتقان ياشلىرىمىز، ئۇنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قوللاش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خىتايغا قارشى يەككە ياكى توپلىشىپ قارشىلىق كۆرسىتىش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش تەربىيەلەش نامىدا تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامىدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاداش مەقسىتىدە ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق لاگېرغا قامالغانلار ئىچىدە دوكتور، پىروفېسسور ۋە زىيالىيلار بار. خىتاي بۇ ھەقىقەتنى قەتئىي ياپالمايدۇ. بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پائالىيىتىنى قوللايمىز. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى نامىدىن خىتاينى بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاددىي ئىنسانىي ھوقۇقىنى بېرىشكە ، لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىنى دەرھال تاقاشقا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز».

ياشلارنىڭ خىتاي كونسۇلى ئالدىدا تىنچ نامايىش قىلىۋاتقىنىغا بۈگۈن ئۈچ ھەپتە بولغان بولۇپ، ياشلار ئۈچ ھەپتىدىن بېرى خىتاي تەرىپىدىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سەۋەبسىز قامالغان ئاتا-ئانىسى، تۇغقانلىرى، دوستلىرىنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن تاختايلارنى تۇتۇپ، سوغۇقنى سوغۇق دېمەي، ئەتىگەندىن كەچكىچە مۇستەھكەم تۇرماقتا.

نامايىشنىڭ ئۈچىنچى كۈنى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن نومۇسسىزلارچە تەلەپ خېتى چىققان ئىدى ۋە ياشلار بۇ تەلەپ خېتىنى يىرتىپ تاشلىغان ئىدى.

 

 

بۇ خەۋەر 2210 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2021 21:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق