خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر ئېچىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالتە ئورۇنغا كۆمۈر ئېچىش بازىسى قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ، كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېزلەتكەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئالتە كۆمۈر ئېچىش بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرىگە مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان. ئومۇمىي سېلىنما جەمئىي يەتتە مىليارد 998 مىليون يۈەن بولۇپ، يىللىق قۇرۇلۇش كۆلىمى جەمئىي 15 مىليون 300 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئالتە چوڭ تۈر ئايرىم-ئايرىم ھالدا سانجى بەيياڭخې كان رايونىنىڭ تيەنيې كۆمۈر كان تۈرى، قوشتولغاي كان رايونى كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلارنى بىرىكتۈرۈش رايونىدىكى ئالتاي شىنتەي كانچىلىقىنىڭ 5-نومۇرلۇق كۆمۈر كان تۈرى، چىقتىم كان رايونى بايلىقنى بىرىكتۈرۈش رايونىنىڭ 2-نومۇرلۇق قۇدۇق بىرىكتۈرۈش تۈرى، شەرقىي جۇڭغار شىخېيشەن كان رايونىدىكى بايلىقنى بىرىكتۈرۈش رايونى شىمالىي تاغ ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرى، غۇلجا كان رايونىدىكى شىمالىي رايون 7-نومۇرلۇق كان قۇدۇقىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرى، غۇلجا كان رايونى بايلىقنى بىرىكتۈرۈش رايونىدىكى يىتەي ئىلى كانچىلىق شىركىتىنىڭ كۆمۈر كان تۈرىدىن ئىبارەت ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغىنى غۇلجا كان رايونىدىكى بايلىقنى بىرىكتۈرۈش رايونى يىتەي ئىلى كانچىلىق شىركىتىنىڭ كۆمۈر كان تۈرى بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى يىلىغا تۆت مىليون 500 مىڭ توننا، ئوخشاش كۆلەمدىكى كۆمۈر تاللاش زاۋۇتى يانداش قۇرۇلىدىغان بولۇپ، تۈر كانچىلىق ھوقۇقى خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

بۇ تۈر يەنە 2020-يىلى خىتاي ئېنېرگىيە ئىدارىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ تۈر ئىكەن. خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا پىششىقلانمىغان كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 238 مىليون توننىغا يەتكەن بولۇپ، خىتايغا نىسبەتەن 4-چوڭ ئاساسلىق كۆمۈر چىقىدىغان رايون بولۇپ قالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاۋسترالىيەدىن زور مىقداردا كۆمۈر ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيەنى جازالاش مەقسىتىدە قوللانغان ئىمپورت چەكلىمىسى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ بىر نەچچە ئۆلكىسىدە ئېغىر توڭ توختاپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. توكنىڭ تەننەرخىمۇ ئېشىپ، توك بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىك ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاي كۆمۈر ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قەدىمىنى تېزلەتكەن.

بۇ خەۋەر 2246 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2021 16:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق