ئامېرىكا تەيۋەنگە قاراتقان ئالاقە چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيونىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو 9-يانۋار ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىسىدىكى بارلىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىكى ئىشخانا ۋەكىلى بۇ قارارنىڭ ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «شەرق تورى» بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرى بولسا تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس بىلدۈرسە، ئۇرۇش قوزغىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ پومپېيونىڭ قارارىغا ماس ھالدا نېگىزلىك جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پومپېيو باياناتىدا، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكا يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا تەيۋەن بىلەن ئالاقە قىلغاندا دىپلوماتىك ئەمەلدارلار ۋە باشقا مەمۇرلارنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، بۇ چەكلىمىلەرنىڭ خىتاينى رازى قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا «تاشقى ئىشلار قوللانمىسى»دىكى تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا بىرلەشمىسىدىن باشقا ھەر قانداق ئورۇن ۋە تەيۋەن مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ ئىناۋەتسىز بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە،تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى شياۋ مېيچىن پومپېيونىڭ بۇ ھەقتىكى تىۋىتتېرىنى تارقىتىپ: «نەچچە ئون يىللىق كەمسىتىش ئاخىرى بىكار قىلىندى. بۇ تەيۋەن-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى زور تەرەققىيات، مەن ھەربىر پۇرسەتنى قەدىرلەيمەن» دېگەن. ئۇ باياناتىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، «تەيۋەن كاپالىتى قانۇنى» ئارقىلىق، كەلگۈسىدە تەيۋەن-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

بۇ خەۋەر 913 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2021 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق