ھىندىستان تالاش-تارتىشتىكى چېگرادىن ئۆتكەن بىر خىتاي ئەسكىرىنى تۇتۇپ قالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى 9-يانۋار لاداخ چېگراسىنىڭ ھىندىستان تەرىپىدە بىر خىتاي ئەسكىرىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ھىندىستان ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئەسكىرىنىڭ ئالدىنقى جۈمە چېگرادىن ئۆتۈپ، پانگوڭ كۆلىنىڭ ھىندىستان تەرىپىگە كىرىپ، ھىندىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەمەلىي كونترول سىزىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپمۇ بىر ئەسكىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ غەربىي چېگرا رايونىدا يولدىن ئادىشىپ قالغانلىقىنى ۋە ھىندىستان تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇ رايوندا قاتتىق قار يېغىش سەۋەبىدىن ئەسكەرلەرنىڭ ئاسان يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى، ئىككى ئارمىيەنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا ئالاقە مېخانىزمى بارلىقىنى، بۇ ۋەقەنىمۇ بۇ مېخانىزم ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

«خىتاى ئارمىيەسى كۈندىلىك گېزىتى» بۇ ھەقتە خەۋەر يېزىپ، بەزى ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ئىشنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىقاتلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ھىندىستاندىن يوقاپ كەتكەنلەرنى تېزدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جىددىي تىركىشىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھىندىستان بىلەن خىتاي ھازىرغىچە رۇسىيەنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن سەككىز قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ھىندىستان ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۆتكەن يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى موسكۋادا يىغىن چاقىرىپ، بەش نۇقتىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. ئەمما ئۇلار ئەسكەر چېكىندۈرۈشتىكى مۇھىم مەسىلە توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان. ئىككى تەرەپ يەنە 9-نۆۋەتلىك ھەربىي قوماندان دەرىجىلىكلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، ۋاقتى تېخى ئېلان قىلىنمىغان.

بۇ خەۋەر 897 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2021 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق