خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلماقتا

يېقىنقى كۈنلەردە ئارقا-ئارقىدىن تارقىلىۋاتقان ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىنىڭ تەشۋىقات سىنلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۇچا شەھىرى بىلەن غۇلجا شەھىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرى تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، بۇ زاۋۇتلاردىمۇ ئوخشاشلا ياش-ئوتتۇرا ياشتىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. سىندا يەنە بۇ زاۋۇتلاردا مەكتەپ فورمىسى، خىزمەت فورمىسى، سوغۇقتىن ساقلىنىش كىيىمى قاتارلىق ھەرخىل تۈردىكى كىيىملەرنىڭ تىكىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تارقالغان سىنلاردا كۆرسىتىلگەن خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قىز-ئاياللار ئىكەنلىكى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كۆپ ساندا جازا لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىغا ئىسپاتلاپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 2095 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2021 14:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق