خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 7-يانۋار تىۋىتتېردا تارقاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدىكى يازمىسى 8-يانۋار تىۋىتتېر تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. تىۋىتتېر بۇ يازمىنىڭ ئاستىغا: «بۇ يازما تىۋىتتېرنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى» دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن.
خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مەزكۇر تىۋىتتېر يازمىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇشلىرىنى ئاقلاپ، ئاتالمىش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى ۋە كۆپىيىش ساغلاملىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى ۋە «تۇغۇت ماشىنىسى» بولۇشتىن قۇتقۇزغانلىقىنى جار سالغان.
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ يازمىسى ئومۇميۈزلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغان بولۇپ، «يىرگىنىشلىك، نومۇسسىز سۆزلەر» دەپ سۈپەتلەنگەن. كۆپلىگەن تورداشلار تىۋىتتېر شىركىتىدىن بۇ يازمىنى يۇيۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.