فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي چەت ئەلنىڭ ئېمبارگوسىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى قانۇننى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇ قانۇن ئارقىلىق خىتايغا ئېمبارگو قويغان دۆلەت ۋە ئورگانلار ئۈستىدىن خىتاي سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، تۆلەم تەلەپ قىلىشقا بولىدىكەن.
مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي چەت ئەلنىڭ تۈرلۈك جازالىرىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشنى نىشانلىغان يېڭى قانۇننى ئوتتۇرىغا چىقارغان. خىتاي سودا مىنىستىرلىكى 9-يانۋار «چەت ئەل قانۇنى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ ناتوغرا قوللىنىشنى چەكلەش چارىلىرى» نامىدا قانۇن چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىغان. خىتاينىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، ئەمما خىتاي تەرەپ مەزكۇر قانۇننى يولغا قويۇش ئۈچۈن قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىمىگەن.
خىتاي سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئورگان تور بېتى قانۇن بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇزۇندىن بۇيان بىر قىسىم دۆلەتلەر بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي خەلقىنى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇشتىن چەكلىدى، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەردىكى كارخانا ۋە شەخسلەرنى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا پائالىيىتىنى توختىتىشقا مەجبۇرلىدى» دېگەن. خىتاي مەسئۇلى سۆزىدە ئامېرىكىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ نامۇۋاپىق قانۇن ۋە تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي مەسئۇلىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرى چەت ئەل دۆلەتلىرى ۋە ئورگانلىرى چىقارغان چەكلەش بۇيرۇقىنى دوكلات قىلىش، باھالاش ۋە دەلىللەش ئارقىلىق، 30 كۈن ئىچىدە خىتاي ئەدلىيە ئورۇنلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدىكەن. باھالاش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا خىتاينىڭ مەسئۇل سودا تارماقلىرى يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.