قاتارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر بىكار قىلىندى

4-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك كىرىزىس دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدا ئىمزالانغان بىرلەشمە بايانات بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەھبەرلىكىدە قاتارغا ئۈچ يېرىم يىلدىن بۇيان چەكلىمە قويغان تۆت دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ ھاۋا قاتنىشى ۋە قۇرۇقلۇق چېگراسىنى قاتارغا ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2017-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر قاتارغا 13 ماددىلىق بىر شەرت قويغان بولۇپ، قاتار ھۆكۈمىتى بۇ شەرتلەرنىڭ ھەممىنى رەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ دۆلەتلەر 2017-يىلى 6-ئىيۇندىن باشلاپ قاتارغا ئومۇميۈزلۈك ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. ئارىدىن ئۈچ يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ دۆلەتلەر بىردىنلا قاتارغا قويغان ئېمبارگونى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يارىشىپ قېلىش يولىنى تاللىغان. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى گەرچە يارىشىپ قېلىشقا قارشى تۇرۇپ باققان بولسىمۇ، كېيىن يەنىلا قوشۇلغان.

بۇ كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا قارىتا ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىكى بەزى تەتقىقاتچى ۋە سىياسەتچىلەر: «بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر قاتارنىڭ قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، قاتاردىكى تۈركىيەنىڭ ھەربىي بازىسىنى تاقىۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ماددىلىق تەلىپىنى ئورۇندىيالمايدىغانلىقى بىلىپ يەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار قاتارنى جازالايمىز دەپ، ئۆزلىرىمۇ خېلى ئېغىر زىيان تارتىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن قاتار بىلەن يارىشىپ قېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بولۇپمۇ بۇ يارىشىپ قېلىشقا ئامېرىكىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى تەسىر كۆرسەتتى. چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر يېڭى پىرېزىدېنت جوۋ بايدېنغا ئىجابىي تەسىر بېرىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ نىيىتىدىن ۋاز كەچكەن» دەپ قارىغان.

بۇ ئۈچ يېرىم يىل جەريانىدا تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۈردە ياخشى بولۇپ كەلگەن. باشقا دۆلەتلەر قاتارغا ئومۇميۈزلۈك چېگرالىرىنى تاقىۋەتكەندە، قاتار ئايروپىلانلىرى تۈركىيە بىلەن ئىران ھاۋا قاتنىشىنى ئىشلەتكەن. لىۋىيە مەسىلىسىدە قاتار باشتىن ئاخىرى تۈركىيە بىلەن پاراللېل ھەرىكەت قىلغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق تۆت دۆلەت بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بۇ بىرلەشمە باياناتنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق تۆت دۆلەت بىلەن قاتار ئەمرى تەمىم ئۇچرىشىشى مۇنداق يېزىلغان: «قاتارنىڭ ئەمرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەل ئۇلا شەھىرىدىكى ئايرودۇرۇمدا كېيىنكى ئۈچ يىلدىن بۇيان قاتار ۋە تەمىمنىڭ ئەڭ شەپقەتسىز رەقىبى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سالمان قارشى ئالدى. بۇ ئىككى رەھبەر خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ماسكا تاقاشقان بولسىمۇ, گويا ئۇزۇن يىل ئايرىلىپ كەتكەن قېرىنداشلاردەك ئۇزۇنغىچە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى». خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا قاتارلىق بارلىق چېگرا يوللىرى مۇشۇ ئاينىڭ 10-يانۋاردىن باشلاپ ئېچىۋېتىلىدىكەن.

قاتار ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى كىچىك بىر دۆلەت بولۇپ، ئۈچ مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار. بۇنىڭ ئىچىدە 300 مىڭ ئەتراپىدىكى نوپۇس قاتارنىڭ يەرلىك نوپۇسى بولۇپ، قالغانلار پاكىستان، ھىندونېزىيە، تۈركىيە ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كېلىپ ئىشلەيدىغان كۆچمەن نوپۇس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەر مەيدانى 11 مىڭ 571 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، كۇچا ناھىيەسىدىنمۇ كىچىك. قاتار گەرچە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولسىمۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم 124,410 دوللار بولۇپ، دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان باي دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

 

بۇ خەۋەر 1042 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2021 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق