خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىنىڭ ساختا تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا تەشۋىق قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتكەن.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا گۇما ناھىيەسىگە سېلىنغان تىككۈچىلىك زاۋۇتى كۆرسىتىلگەن. زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشتىن تەركىب تاپقان قىز-ئاياللار بولۇپ، بۇ زاۋۇتتا ئاز دېگەندە 300 دىن كۆپ ئايال ئىشلەيدىكەن. يەنە بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيەسىگە سېلىنغان ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت بولۇپ، 600 دىن ئارتۇق كىشى ئىشلەيدىكەن. بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ئىكەن. زاۋۇتنى تونۇشتۇرغان خىتاينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ زاۋۇتتا تۈرلۈك ئېلېكتىر سايمانلىرى، سىم قاتارلىق نەرسىلەر ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە، بىر قىسمى چەتئەلدىن زاكاز قىلغۇچىلارغا ئەۋەتىلىدىكەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان كۈنلەردە، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقات فىلىملىرىنى كۆپەيتىپ، ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش» نامىدا ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 2298 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2021 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق