8-يانۋار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 11479غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 184 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 11479 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1291 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 186 كىشى قازا قىلىپ، 9894 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 182 مىڭ 145كە، قازا قىلغانلار 22450كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3094كە يەتكەن.