يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتلەرنى خىتايغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ (G7) پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىشىپ، ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىق قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىدىن ئېھتىيات قىلىشقا باشلىغان. يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 70كە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى بىرلەشمە مەكتۇپ يازغان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ، خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. مەكتۇپتا: «خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرىكىتى خەلقئارالىق قائىدە-پىرىنسىپلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، خەلقئارا سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كەلدى» دېيىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يەتتە دۆلەت گۇرۇھى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەتلەرگە بىرلىكتە مەكتۇپ سۇنۇشى ئىكەن. مەكتۇپتا ئەزا دۆلەتلەر خىتايغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا تېگىشلىك بەش چوڭ ساھە كۆرسىتىلگەن. بۇ بەش ساھە بولسا خەلقئارالىق تەشكىلات ئىسلاھاتى، پەن-تېخنىكا ئۆلچىمى، كىشىلىك ھوقۇق، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جىددىيلىك ۋە خىتاي ۋىرۇسى كىرىزىسىدىكى ھەمكارلىق قاتارلىقلار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايغا قارشى ئىتتىپاق تەشكىللەش چاقىرىقىنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسچىسى ۋە گېرمانىيە فېدېراتىپ پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى نوربېرت روتگېن چارشەنبە بىلدۈرگەن سۆزىدە: «خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تەھدىت. بىز دۈشمەنلىشىشنى خالىمايمىز، ئەمما خىتايغا قارشى رېئال پوزىتسىيەدە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز» دېگەن. بىرلەشمە ئىمزا قويۇشقا قاتناشقان ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى ئانتونىي گونزالېزمۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئېلىپ كەلگەن تەھدىتنىڭ بۇ دەۋردىكى ئەڭ چوڭ دىپلوماتىك خىرىس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى تەرەققىي تاپقان يەتتە ئىقتىسادىي گەۋدىدىن تەركىب تاپقان خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزا دۆلەتلىرى كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت.

بۇ خەۋەر 1211 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2021 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق