ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھىندى-تىنچ ئوكيانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئارقا-ئارقىدىن ھىندى-تىنچ ئوكيان تەۋەلىكىگە دېڭىز ئارمىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا، ياپونىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىكەن.
گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارېنبور گېرمانىيەنىڭ 2021-يىلدىن باشلاپ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا چارلاش ئەترىتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلغىيىۋاتقان زېمىن ماجىراسى، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى ۋە خىتاينىڭ دۇنيانى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت قارا نىيىتىنى كۆپ تەرەپلىك يوللار ئارقىلىق تىزگىنلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نوبۇئو كىشى ئالدىنقى ئايدا گېرمانىيە قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش قىسمىي بىلەن بىرگە مانېۋىرغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مانېۋىرنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىن ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدا ئارال ۋە چارلاش سۇپىسى بەرپا قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ھىندى ئوكيان قاتارلىق جايلاردىكى ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغان. خىتاي يەنە ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشقا نەچچە تىرىليون يۈەن خىراجەت ئاجرىتىپ، ئاۋىياماتكا، يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە رادارغا چۈشمەيدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان سانىنى كۆپەيتكەن ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ئارمىيەسىنى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب كۈچلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ھەربىي كۈچكە ئايلاندۇرماقچى بولغان.