«تاڭنۇرى ئانا تىل ماھىرلىرى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تارمىقىدىكى تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئورۇنلاشتۇرغان «تاڭنۇرى ئانا تىل ماھىرلىرى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى» بۈگۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى بۇلتۇر 1-دېكابىر مەزكۇر مۇسابىقە ھەققىدە ئېلان تارقاتقان بولۇپ، 22-دېكابىرغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ مۇسابىقىگە ئاكتىپ قاتناشقان ۋە ئوخشىمىغان ژانىرلاردىن جەمئىي 86 پارچە ئەسەر قوبۇل قىلىنغان.

ئانا تىل كومىتېتى مۇدىرى زۇلھايات ئۆتكۈر، شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد، باش مۇھەررىر سابىرجان كۆكتۇغ قاتارلىق ئۇستازلار ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى، ئىنتوناتسىيەسى، تەلەپپۇز ۋە خىتاب شەكلى... قاتارلىق توققۇز جەھەتتىن ئىنچىكىلىك بىلەن نومۇر قويۇپ، مۇكاپاتلانغۇچى ماھىرلارنى تاللاپ چىققان.

ئەسەرلەر ئۆسمۈرلەرنىڭ يېشىغا ئاساسەن ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىپ باھالانغان بولۇپ، ھەربىر گۇرۇپپىدىكى 1-دەرىجىلىك ماھىرلارغا 1000 لىرا، 2-دەرىجىلىك ماھىرلارغا 700 لىرا، 3-دەرىجىلىك ماھىرلارغا 500 لىرا مۇكاپات بېرىلدى. بۇلاردىن سىرت، رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ماھىرلارغا 100 لىرا قىممىتىدىكى كىتاب سېتىۋېلىش كارتىسى سوۋغا قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا بولسا ئانا تىل مائارىپى چوڭ بوشلۇق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولماقتا.

بۇ خەۋەر 2786 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2021 18:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق