ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۆسمۈرلىرى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قۇربانى بولماقتا

خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان جايلار قامال قىلىنغان بۈگۈنكىدەك كۈندە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلار مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنماقتا.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى بىر بېكەتتە 13-18 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۆسمۈرلىرىنىڭ يۈك-تاقىسىنى يۈدۈپ، قوراللىق ساقچىنىڭ نازارىتى ئاستىدا باشقا شەھەرگە ئېلىپ مېڭىلغانلىقىدەك كۆرۈنۈش كۆرسىتىلگەن.

بالىلارنى ئۇزاتقىلى چىققان ئاتا-ئانىلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرىدىن ۋە بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ قوراللىق ساقچى تەرىپىدىن ئېلىپ مېڭىلغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن سىنلار تارقالغان بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرى جازا لاگېرىدا بولغان ياش بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇلارغا مائاش بېرىلمەيدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن باشلاپ، مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىمۇ تەڭ ئىجرا قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيىتىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 2623 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2021 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق