ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەكچى بولغانلىقى غۇلغۇلا قوزغىدى

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەكچى بولغانلىقى غۇلغۇلا قوزغىدى

ئاسىيا خەۋەرلەر تورىنىڭ تۈنۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سۇرىيەنىڭ ھاسەكىي كەنتىدە YPG، PKK تېررورچىلىرىغا ئەسىرگە چۈشكەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەندىشىگە سالدى.
مەزكۇر تور بەت 30-ماي ئەرلىرى جەڭدە ھاياتىدىن ئايرىلغان نۇرغۇن ئايال ۋە بالىلارنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىش داۋامىدا سۇرىيەنىڭ رەققىدە PKK، YPG تېررورچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ ئەسىر بولۇپ قالغانلىقى، تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، تۈركىيەنىڭ ئارىغا چۈشۈپ، ئەسىرگە چۈشكەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلاشقانلىقى، ئەسىرگە چۈشكەن ئاياللارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى تارقاتقان.
ئۇندىن باشقا سۇرىيەنىڭ يېقىنقى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر بىر يىل ئىلگىرى PKK تېررورچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئون نەچچە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ تېرروچىلار تەرىپىدىن خورلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، يېقىندا يۇتيۇب تورىدا 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىلىرىنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقى ھەققىدىكى سىن تارقالغان ئىدى.
مەزكۇر تور بەت 7-ئىيۇن PKK تېررورچىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى سۇرىيەنىڭ ھاسەكىي كەنتى ھول مۇساپىرلار مەركىزىدە 2000 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئايال ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بەرگەن خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، PKK، YPG تېررورچىلىرى مۇساپىرلار مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى بىر- بىرلەپ ئېنىقلاپ ئېلىۋالغان، خانىم-قىزلارنىڭ ھىجابلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېتىپ، يېنىنى ئاختۇرغان ۋە ئۇلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن خورلىغان. يېقىندا تېررورچىلارنىڭ خورلىشى سەۋەبلىك 26 بالا، يەتتە ئايال ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خەۋەردە يەنە بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى PKK، YPG تېررورچىلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ بېسىم قىلىشى بىلەن ھاسەكىيدىكى تۇتقۇنلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، كېيىن خىتاي ئاخبارات ئىدارىسىدىن بىر ئۆمەكنىڭ تېررورچىلار بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى، خىتاي بىلەن تېررورچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەنلىكى، ئۇلارنى خىتايغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئايروپىلانى ب د ت كونتروللۇقىدىكى كامىشلى (Kamışlı ) ئايرودرومىغا قونماقچى بولغانلىقى، تېرروچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلارنى ئۇ يەردە خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغانلىقى، خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن ھاۋا ئارمىيە ئايروپىلانى ئەۋەتمەي، خەلق ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە تەۋە «Air China» ناملىق ئايروپىلان ئارقىلىق ئۇلارنى خىتايغا ئېلىپ كەتمەكچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بىر بۇ خەۋەرنىڭ راست ياكى يالغان ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خەۋەرنىڭ يازغۇچىسى ئەھمەت قىلبىتمەز ئەپەندى بىلەن يانفوندا ئالاقىلاشتۇق. ئەھمەت قىلبىتمەز ئەپەندى خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «مەن ئەزەلدىن ئاساسى يوق خەۋەرلەرنى يازمايمەن، مەن ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەققىدىكى خەۋەرنى سۇرىيەدىكى ئىشەنچلىك مەنبەدىن ئالدىم» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 11711 قېتىم كۆرۈلدى
09/06/2019 12:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق