خىتاي ۋاكسىنىسىنى قانداق كىشىلەرگە ئەملەشكە بولمايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيە كۆپ مىقداردا بۇيرۇتقان خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ كىملەرگە ئەملىنىدىغانلىقى، كىملەرگە ئەملەشكە بولمايدىغانلىقى خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلاندى.

يېقىنقى نەچچە كۈن ئىچىدە خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان قىسقا سىندا بۇ ۋاكسىنىنىڭ 18 ياشتىن تۆۋەنلەرگە ۋە 59 ياشتىن يۇقىرىلارغا، ئىلگىرى ۋاكسىنا ئەملىنىپ ئېغىر دەرىجىدە رېئاكسىيە قىلغانلارغا، ھامىلدار ئاياللارغا، سوزۇلما خاراكتېرلىك ياكى جىددىي خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا، قىزىتمىسى بارلارغا ۋە دوختۇر ئەملەشكە بولمايدۇ، دەپ دىياگنوز قويغان باشقا كېسەللەرگە ئەملەشكە بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى ۋاكسىنا كەلگەندىن كېيىن ئەڭ ئاۋۋال دوختۇرلارغا، ئاندىن 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرگە ئەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان بۇ مەلۇماتلار دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 878 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2021 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق