ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى قايتىدىن باش كۆتۈرگەن ۋىرۇس يۇقۇمى داۋاملىق كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، شىجياجۇاڭ شەھىرىدە بارلىق قاتناش توختىتىلغان.
خەۋەر بىلدۈرۈلۈشىچە، خېبېي ئۆلكىلىك سەھىيە كومىتېتى پەيشەنبە دوكلات ئېلان قىلىپ، 6-يانۋار بىر كۈن ئىچىدە خېبېي ئۆلكىسىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 51 كىشىگە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە شىجياجۇاڭ شەھىرىدە 50 بىمار بايقالغانلىقىنى، يېڭىدىن يەنە 69 كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يۇقۇم سەۋەبلىك 11 مىليون نوپۇسى بار شىجياجۇاڭ شەھىرىدە سەيشەنبە كۈنى جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان. بارلىق تاش يول، تۆمۈر يول ۋە ھاۋا قاتنىشى توختىتىلغان. شەھەرگە كىرگەن بارلىق ماشىنىلار قايتۇرۇۋېتىلگەن. رايوندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ھەققىدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۈچ ئەمەلدار جاۋابكارلىققا تارتىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شىجياجۇاڭدا بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاممىۋى پائالىيەت، توي ۋە باشقا يىغىلىشلاردا يۇقۇملانغان.