ئەنگلىيەنىڭ تۈرلۈك ماللار سودا شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا ئىمزا قويدى

ئەنگلىيە تۈرلۈك ماللار سودا شىركىتى «ماركس ۋە سىپېنسېر» (Marks & Spencer) يەرلىك جەمئىيەتلەر ۋە ئەمگەك تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسى قوزغىغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ-سېتىشنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا ئىمزا قويغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ماركس ۋە سىپېنسېر بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىن ئىمپورت قىلىۋاتقان خام ئەشيا ۋە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى توختىتىدىكەن. يەرلىك جەمئىيەتلەر ۋە ئەمگەك تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسى قوزغىغان مەزكۇر چاقىرىق ھەرىكىتى كارخانىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانائەت زەنجىرىنى تەكشۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىشىنى نىشانلىغان. مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىيىم-كېچەك، توقۇمىچىلىق، يىپ ياكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىدىغان ھەر قانداق ماركا تىجارىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن نەپ ئېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى دۇنيادىكى ئومۇمىي پاختا مەھسۇلاتنىڭ تەخمىنەن %20نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ماركس ۋە سىپېنسېر شىركىتى ھەر يىلى تەخمىنەن 40 مىڭ توننا پاختا يىپ سېتىۋالىدىكەن.

شەرق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ماركس ۋە سىپېنسېرنىڭ چاقىرىققا ئىمزا قويۇشى باشقا شىركەتلەرنى تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈشكە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. شىركەتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى رىچارد پىرايس توختىلىپ: «بىز ئىزچىل ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلغان ھالدا كىيىم-كېچەك تىكىشكە ھەمدە باشقىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق ساھەسىدە يېڭىلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېرىشىمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 818 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2021 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق